ئۇيغۇرلاردا تىل مەدەنىيىتى تەربىيىسى
يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق
ئەقىل ھەم بىلىم تەرجىمانى بۇ تىل، - يۈسۈپ خاس ھاجىپ تىل مەدەنىيىتى تەربىيىسى دېگەندە نەزەردە تۇتۇلىدىغىنى ئانا تىل تەربىيىسى، ئانا تىل تەربىيىسى پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدە ئانا تىلغا بولغان مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىش، ئانا تىلنى قوغداش ۋە ئانا تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا، «تىل ۋە تىلشۇناسلىق خەلق مائارىپىنىڭ ئادەتتىكى ھاياتىنىلا ئەمەس، بەلكى مەركىزىي ماھىيىتىنى تەشكىل قىلىدۇ»(كارامىزىن). بىراق ئانا تىل تەربىيىسى مەكتەپلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس، بەلكى ئۇ پۈتۈن جەمئىيەت ۋە ھەربىر ئائىلىنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن تارىخىي مۇساپىسىدە ئۇيغۇر تىلىنى يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ، ئۇنى جېنىدەك قەدىرلەپ كەلدى. ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرى ئەمدى دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىگە ئانا تىل تاۋۇشلىرىنى سىڭدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئانا تىلغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئانا تىل مەدەنىيىتى تەربىيىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئۇلۇغۋار ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەنلىكى تارىختىن بىزگە مەلۇم. ئۇيغۇر مائارىپىمۇ ئانا تىل دەرسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بىلەن قارايتتى. مانا شۇ ئۇيغۇر تىلى ئۇزاق يىللار مابەينىدە ئۇيغۇر خەلقىنى دۇنيا بىلەن باغلاپ تۇردى، دۇنيا مەدەنىيىتى ئۇچرىشىدىغان بۇ ئالتۇن ماكاندا ئالتۇن كۆۋرۈك بولۇپ، دۇنيا بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىنى ئۈزۈلمەس رىشتە بىلەن باغلىدى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى تارىخىمىزدا نۇرغۇن ئۇلۇغ ئالىملارنى يىتىشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى دۇنيا مەدەنىيەت مۇنبىرىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزگەنىدى. ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخت يولىنى، نىجاتلىق يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دۇنياۋى خاراكتىرلىك نادىر ئەسەرلەر ئەنە شۇ مەدەنىي ئۇيغۇر تىلى بىلەن بارلىققا كېلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شان-شۆھرىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تۇنۇتقانىدى. دۇنيا تارىخىدا بارلىققا كەلگەن مۇقەددەس كىتابلارمۇ ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىي قۇدرىتىنى نامايەن قىلغانىدى. بۇ ھەقىقەتنى تولۇق چۈشەنگەن ئۇيغۇر خەلقى بالا «ئىڭە» دەپ تۇغۇلغىنىدىن تارتىپ، ئۇنىڭ قەلب دەپتىرىگە « ئەللەي ناخشىلىرى » بىلەن ئانا تىلنىڭ مۇقەددەس نۇرلىرىنى نەقىشلەشكە باشلايتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر تىلى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ، تارىختىكى ھەر خىل تىل ئاسسىمىلياتسىيىلىرىگە قارشى كۆرەشتە غالىب كېلىپ، پەن - مەدەنىيەت غايەت زور دەرجىدە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى 21- ئەسىرگە دادىل قەدەم باستى. ھازىرقى مەدەنىي دۇنيادا ئۇيغۇر خەلقى پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل ھەققىدە قانداق تەربىيە بېرىشى كېرەك؟ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى زامان دۇنيا مەدەنىيىتىگە ياندىشىشى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئائىلە تەربىيىسى قانداق رول ئوينايدۇ؟ ئانا تىل تەربىيىسى ھازىرقى دۇنيادىمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ قەتئىي جىددىي قاراشقا تېگىشلىك بىر چەكسىزلىك. ئانا تىل تەربىيسىگە سەل قارىغانلىق، باشقا تەربىيلەرگە ھەم سەل قارىغانلىق بولىدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ بوۋاق چېغىدا چىققان تۈنجى«ئانا» سۆزى ئانا تىل مۇقەددەسلىكى بىلەن يۇغۇرىلىپ كېتىدۇ. شۇ تۈنجى سادادىن كېيىن ئۇيغۇر ئانىلىرى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ تۈنجى ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالىدۇ. ئانىنىڭ بۇ ھەقتە سىڭدۈرگەن ئەجرى پەرزەنتلەرنىڭ تىلىنىڭ راۋان بولىشى، تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چوڭقۇر ئاساس سالىدۇ. چۈنكى تىلنىڭ راۋانلىقى، ئېنىقلىقى ۋە ئىپادە قىلىش كۈچى پەرزەنتلەرنىڭ پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. تىلى بالدۇر چىققان بالىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتى بىلەن تىلى كېيىن چىققان بالىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتى رۇشەن پەرقلىنىدۇ. بالىلارنىڭ تىلىنىڭ تېز ۋە راۋان چىقىشى كۆپ مەشىقلەندۇرۇش، كۆپ سۆزلىتىش، كۆپ گەپ قىلىپ بېرىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، ئۇيغۇرلار مەقسەت- مۇددىئاسىنى تولۇق، راۋان ئۇقتۇرالايدىغان بالىلارنى «ئەقىللىق بالا ئىكەن» دەيدۇ. دۇدۇقلاپ گېپىنى ئۇقتۇرالمىغان، گەپنى تاققا- تۇققا قىلىپ مەقسىدىنى ئۇقتۇرالمىغان جۈرئەتسىز بالىلارنى ياخشى تىل تەربىيىسى كۆرمىگەن، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، پەرزەنتلەرنىڭ تىلىنىڭ ئۇچۇق ۋە راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق بىر قانچە خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش مۇۋاپىق: بىرىنچى، پەرزەنتلەرنى تىلى چىقىشقا باشلىغاندىن تارتىپ ئېنىق، توغرا تەلەپپۇز بىلەن راۋان سۆزلەشكە ئادەتلەندۇرۇش لازىم. ئەگەر گېپىنى تولۇق تەلەپپۇز قىلالماسلىق ئەھۋاللىرى بايقالسا، جۈرئەتلىك بولۇشقا، تارتىنماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇپ، گەپنى ئېنىق، دانە-دانە، ئالدىرىماي سۆزلەشكە ئادەتلەندۇرۇش؛ قىيلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندا، يېتەكلەش خاراكتىرىدە سۆزلىرىنى تولۇقلاپ بېرىش كېرەك. چۈنكى بەزى بالىلار تارتىنىش ۋە جىددىيلىشىش تۈپەيلىدىن گەپنى تولۇق تەلەپپۇز قىلالمايدۇ. ئىككىنچى، بالىلارغا گەپ قىلىش زۈرۈرىيىتى تۇغۇلغان چاغدىلا گەپ قىلىپ، قالغان چاغلارغا كارىمىز بولمىسا بولمايدۇ. زۆرۈرىيەتسىز چاغلاردىمۇ بالىلاردىن كۆپرەك نەرسىلەرنى سوراش يولى بىلەن غىدىقلاش لازىم. ئەگەر بالىلار بىرەر يەرگە بارغان بولسا شۇ يەرگە بارغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى، نېمىلەرنى كۆرگەنلىكىنى، نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى سۆزلىتىش، ئوينىغان، تۇرغان ئىشلىرى توغرىسىدا سۆزلىتىش، باشقىلارغا بولغان چۈشەنچىسىنى سۆزلىتىش كېرەك. بەزى چاغلاردا پالانىنىڭكىگە بېرىپ «مۇنداق، مۇنداق دەپ كەل»دەپ بۇيرۇش، تېلفۇندا سۆزلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يېتەكلەش كېرەك. ئۈچىنچى، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ۋە مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، بالىلار بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئىشتىراك قىلىش، ئۇقۇشتىكى تەسىراتلىرىنى، دەرسلەرنىڭ مەزمۇنلىرىنى سۆزلەپ بېقىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش، كىتابلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىشنى ئۆتۈنۈش يولى بىلەن بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى، نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. بالىلار بىلەن ئانچە-مۇنچە بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنازىرىلىشىپ قويۇشمۇ بالىلارنىڭ پىكرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ، تىلىنى راۋان قىلىدۇ. ئاتا-ئانىلار پەرزەنت تەربىيلەشتە ئانا تىل بىلەن خەنزۇ تىلى ۋە باشقا چەت ئەل تىللىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئىلمىي كۆز قاراشتا بولۇشى كېرەك. قوش تىل ئۆگۈنۈش قەدىمدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلەرگە قويغان مۇھىم تەلىپى بولۇپ كەلگەن. دىنىي ئېتىقاد ئېھتىياجىدىن بولسۇن، مەدەنىيەت نوقتىئىنەزەردىن بولسۇن، ئۇيغۇرلار قوش تىللىق بولۇشنى دۇنياغا يۈزلىنىشنىڭ يول خېتى دەپ قاراشقان. قەدىمكى بۈيۈك ئالىملاردىن مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋائىيلارمۇ ئەرەب، پارس تىللىرىدا يوقۇرى سەۋىيەلىك ۋە پاساھەتلىك ئەسەرلىرىنى يازغانىدى. بىراق ئۇلار شۇنداق كامالەتكە يەتكەن تۇرۇقلۇقمۇ ھەرگىز ئانا تىلىدىن ۋاز كەچمىگەن، بەلكى ئانا تىلنى ئۇلۇغ بىلگەن ۋە ئانا تىلدىن ئەسەر يېزىپ دۇنياغا تۇنۇتقان. ھازىر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ قوش تىللىق بولىشىغا بەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. بولۇپمۇ شەرت-شارائىتى يار بېرىدىغان جايلاردا بالىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش ۋە چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش ئىشتىياقى زور دەرىجىدە يوقۇرى كۆتۈرۈلگەن، چەت ئەل تىلى كۇرىسلىرى كۆپەيگەن، بۇخىل يۈزلىنىش ئەلۋەتتە كىشىنى سۆيۈندۇرىدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇنىڭ ئۈچۈن خېلى كۆپ پۇل چىقىم قىلىۋاتىدۇ. بىراق ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش، بەزى ئاتا-ئانىلار باشلامچىلىق بىلەن پەرزەنتلەرنى ئانا تىلدىن ياتلاشتۇرىدىغان ئەھۋاللار باش كۆتۈردى. بۇنىڭ ئىپادىلىرى مۇنداق بىر قانچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرى، بەزى ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرى بىلەن ئالاقىدە ئانا تىلدا سۆزلىمەي، خەنزۇ تىلدا سۆزلەشسە، بەزىلىرى يېرىم ئۇيغۇر تىلىدا، يېرىم خەنزۇ تىلىدا سۆزلەپ ئەبجەش بىر تىلنى بارلىققا كەلتۈرىۋاتسا ئۇنىڭغا توغرا تەدبىر قوللانماقتا يوق، ئەكسىچە پەخىرلىنىدىغان، ھەتتا ئۆزى باشلامچى بولۇپ خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ ئۇچراتتۇق. يەنە بىرى، ھازىر خېلى كۆپ ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنى خەنزۇ مەكتەپلەرگە بېرىش بىر دولقۇنغا ئايلانغىلى تۇردى. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلى مەڭگۇ خەنزۇ تىلى بولۇپ قالىدۇ. ئۇيغۇر تىلى ئۇلار ئۈچۈن ئىككىنچى ئورۇندىكى قوشۇمچە ئۈگەنگەن تىل بولىدۇ. ئۇ بالىلار ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئانا تىل تەربىيىسى كۆرگەن بالىلاردەك قەلب ھېسياتىنى ئانا تىل بىلەن تولۇق مۇكەممەل ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. ئۇلار ئانا تىل بىلەن پەقەت تۇرمۇشتىكى ئاددىي ئالاقىنىڭلا ھۆددىسىدىن چىقالىشى مۈمكىن. مەن تونۇيدىغان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بېرىپ قوبۇل قىلىنغان بىر نەچچە ئوقۇغۇچى بار ئىدى. ئۇلار 5 يىل مۇنتىزىم ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئاڭلاپمۇ، كېيىن خېلى ئۇزۇن مەزگىل ئۇيغۇر تىلى بىلەن دەرس ئۆتۈشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى. بەزىلىرى كەسپ ئالماشتۇرۇپ چىقىپ كەتتى. بۇنداق بولۇشنىڭ نېمە سەۋەبى باردۇر، دەپ جەمئىيەتتىن ئەھۋال ئىگىلەپ باقتىم. بەزى ئاتا- ئانىلار، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان بالىلار خەنزۇ تىلىنى بىلمەيدىكەن، شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئىستىقبالى يوق بولىدىكەن، خەنزۇ مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا ئىستىقبالى بولىدۇ، دەپ قارايدىكەن. يەنە بىر بۆلەك ئاتا- ئانىلار، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ شەرت- شارائىتى ناچار، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى تۆۋەن، خەنزۇ مەكتەپلىرىنىڭ شارائىتى ياخشى، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسى يۇقۇرى، دەپ قارايدىكەن. بىرىنچى خىل قاراشنىڭ ئاساسى يوق. ئەگەر مەسىلىگە ئۇنداق قارايدىغان بولساق، مەنتىق جەھەتتىن خەنزۇ بالىلارنىڭ ئىستىقبالى بار، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئىستىقبالى يوق دېگەن خاتا ئەقلىي يەكۈن چىقارغان بولۇپ قالىمىز. بىلىش كېرەككى، مىللىي مائارىپ پۈتۈن جۇڭگۇ مائارىپىنىڭ ئايرىلماس تەركىۋى قىسمى، ئۇيغۇر مائارىپىمۇ سوتسىيالىزم ئۈچۈن، جۇڭگۇچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، كەلگۈسى ئۈچۈن، تەرەققىيات ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىلىدۇ. ئورتاق مائارىپ فاڭجىنى بويىچە ئادەم تەربىيىلەيدۇ. ھازىر دەرسلىك مەزمۇنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلدى. ئەگەر تىل پەرقى نوقتىسىدىن ئىستىقبالى پەرقلىنىدۇ، دەپ قارايدىغان بولساق، ئۇنداقتا مىللىي مائارىپنىڭ دەرۋازىسىنى تاقاپ، بارلىق بالىلارنى خەنزۇ مەكتەپلەرگە بېرىش زۈرۈرىيىتى تۇغۇلامدۇ؟ شۇنى بىلىش كېرەككى، مىللىي مائارىپ مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتنىڭ ئەڭ مۇھىم كاپالەتچىسى. ئومۇملۇق نوقتىسىدىن قارىغاندا، ئىستىقبال مەسىلىسىنى پەرزەنتلەرنى خەنزۇ مەكتەپلەرگە بېرىش يولى بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بەلكى مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاساس سالغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مائارىپى ھەرگىزمۇ مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدىغان مائارىپ ئەمەس، ئۇيغۇر مائارىپى نەچچە مىڭ يىللاردىن بويان ئانا تىلدا دەرس ئۆتۈش ئارقىلىق دۇنياۋى مەشھۇر ئالىملارنى يىتىشتۇرۇپ چىققانىدى. ھازىرمۇ شۇنچە كۆپ پىروفېسسور ۋە دوكتۇرلارنى جەمئىيەتكە چىقاردى. خەنزۇ مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە(شارائىتى ياخشىراق مەكتەپلەردە) ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىدا رۈشەن پەرق يوققۇ. تىل مەسىلىسىدىن قارىساق، ھازىر 3- يىللىقتىن باشلاپ تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە خەنزۇ تىلى ئۆگۈنىدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كۆپلىگەن بالىلار خەنزۇ تىلىدا راۋان ئالاقىلىشالايدۇ. شۇڭا، ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلدىن مەھرۇم قىلىشقا زورلايدىغان ھەرقانداق ۋاستىسىنى ئىستىقبال ئۈچۈن تىرىشىش دەپ قارىمايمىز. ئۇ شەخسىيەتچىلىك، مەنپەئەتپەرەسلىكتىن كېلىپ چىققان قۇرۇق باھانىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەگەر ئاتا- ئانىلار ھەقىقەتەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلايدىغان بولسا، ئۇنى مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ۋە ئانا تىلنىڭ مۇكەممەللىكىدىن ئىزدىشى لازىم. پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئانا تىلدىن مەھرۇم قېلىشتىنمۇ ئارتۇق يوقىتىش بولمايدۇ. چۈنكى «تىلدا خەلقنىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ ۋەتىنى گەۋدىلىنىدۇ…تىل خەلقنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ھەم كېلەچەك ئەۋلادنى مۇستەھكەم بىر پۈتۈنلۇككە، تارىخىيلىق ۋە جانلىقلىق جەھەتتە جىپسىلىققا ئايلاندۇرغۇچى ئەڭ ھاياتىي، ئەڭ باي، ئەڭ مۇستەھكەم ۋاستىدۇر» (ئوشىنسكىي). مەنبە: يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ«ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. |